1 2دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى 3سۆز بېشى 4 5ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئەتراپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، 6 7كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى بولغايدىغان ياۋۇز زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقى، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، 8 9ئىنسانلانىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۈستىدە ئىسيان كۆتۈرىمىز دەپ تەۋەككۇلىگە ھەرىكەت قىلىپ يۇرمەسلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن قوغداش زۆرۈر بولغانلىقى، 10 11دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق مۈناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۇش زۆرۈرلۇكى، 12 13بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلارتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر خارتىيىسىدە ئۆزلىنىڭ ئاساسي كىشىلىك ھوقۇقى، ئىسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى شۇنىڭدەك ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەرقىدىسىنى قايتا تەكىلتىگەنلىكى ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىك ئاساسىدا جەمئىيەتنىڭ يۇكسىلىشى ۋە تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ ياخسىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى. 14 15ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۇزلۇك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكى، 16 17ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇميۇزلۇك چۇشىنىشنىڭ شۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، 18 19كۆزدە تۇتۇلغاچقا، ھازىر 20 21يىغىن، 22 23بارلىق خەلق ۋە بارلىق دۆلەت تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە مۇشۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەم ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتنىڭ مۇشۇ خىتابنامىنى ھەر دائىم ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەلىم ۋە تەربىيە ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەتلىنىشنى تىرىشىپ الغا سۈرۈشى ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى خەلق ئارىسىدا شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىنىدا ياشايدىغان خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۇنۇملۇك ئەتىراپ قىلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ: 241 ماددا 25 26ھەممە ئادەم زانىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن موئامىلە قىلىشى كېرەك. 272 ماددا 28 29ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنى، سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، مۈلكى، تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. 30 31ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەممە ئادەم ئوزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سياسىي، مەمۇرىي لاكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن، ۋاكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن، ئاپتونومىيىسىز زېمىن ياكى باشقا ھەرقانداق ىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. 323 ماددا 33 34ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 354 ماددا 36 37ھەرقانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەرقاندقاق شەكىلدىكى قۇللۇق توزۇمنىمۇ، قۇللارنى ئېلىپ-سېتىشنىمۇ مەنئى قىلىش كېرەك. 385 ماددا 39 40ھەرقانداق ئادامنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي، ئىنسانىيەتسىز ياكى جاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ. 416 ماددا 42 43ھەممە ئادەم ھەرقانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 447 ماددا 45 46ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي، قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەرقانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۇرتكە بولىدىغان قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكدىن ساقلىنىش ۈچۈن، باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 478 ماددا 48 49ھەرقانداق ئادەم ئوزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخش ئەتكەن اساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۇنۇملۇك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق. 509 ماددا 51 52ھەرقانداق ئادەمنى ھەرقانداق شەكىلدە قولغا ئېلىشقا، نەزەر بەنت قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ. 5310 ماددا 54 55ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەرقانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق. 5611 ماددا 57 581. جىنايى ئىشلار بىلەن ئرز قىلىنغانلىكى ادەم ئقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق. 59 602. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۇرمىكەن بولسا، جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەتبىق قىلىندىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ. 6112 ماددا 62 63ھەرقانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، ئاىلىسىگە، تۇرالغۇ جايىغۇ ۋە خەت-ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 6413 ماددا 65 661. ھەممە ئادەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كوچۇشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق. 67 682. ھەممە ئادەم ھەرقانداق دۆلەتتىن كېتىشكە، جوملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق. 6914 ماددا 70 711. ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقا ھوقۇقلۇق. 72 732. ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ اساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپ قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال استىدا، بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. 7415 ماددا 75 761. ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 77 782. ھەرقانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. ۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. 7916 ماددا 80 811. ياش قورامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللار ئىرق. دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەرقاندقا چەكلىمىگە ئۇچرىماي، تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق. ئۇلار نىكاھ جەھەتتە، توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختىمى بىكار قىلىنغاندا، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. 82 832. ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ. 84 853. ئائىلە تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك، ئو جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىڭ. 8617 ماددا 87 881. ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە ئوڭچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. 89 902. ھەرقانداق ئادەمنى مال-مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمادۇ. 9118 ماددا 92 93ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغق ئىگە: بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئېقىدە، ئەمەلىيەت، ناماز-ئىبادەت ۋە ئەمرىمەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم، ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 9419 ماددا 95 96ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسىنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق؛ بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەرقانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 9720 ماددا 98 991. ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلانلار ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 100 1012. ھەرقانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ. 10221 ماددا 103 1041. ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاستە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. 105 1062. ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. 107 1083. خەلقنىڭ ئىرادىسى ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى: بو ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. سايلام ئومۇميۈلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئوبدانلا ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئەلىپ بېرىلىشى كېرەك. 10922 ماددا 110 111ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئازاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي، ىجتىمائىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئىارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەمدە ھەرقايىسى دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ۋە بايلىق ئەھۋالى بويىچە بولىدۇ. 11223 ماددا 113 1141. ھەممە ئادەم ئىشلەشكە، ئەركىن كەسىپ تاللاشقا، ئادىل ۋە مۇۋابىق خىزمەت شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىشسىز قېلىشتىن ساقلىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 115 1162. ھەممە ئادەم ھەرقانداق شەكىلدە كەمسىتىلمەي، ئوخشاش ئىش ئۈچۈن ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 117 1183. ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھەر بىرى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ھەقتىن بەھرىمەن بولۇشقا، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئىنسانىي ىززەت-ھۆرمەتكە لايىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، زۆرۈر تېپىلغاندا. ئۇنىڭغا باشقا ئىجتىمائىيى كاپالەتنى قوشۇمچە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 119 1204. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۇيۇشمۇسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. 12124 ماددا 122 123ھەممە ئادەم دەم ئېلىش ۋە بىكار يۈرۈش ھوقۇقىدىن، جۇملىدىن ئىش ۋاقتىنىڭ چېكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە قەرەللىك، مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 12425 ماددا 125 1261. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن، جۇملىدىن يېمەكلىك، كىيىم-بېچەك، تۇراغۇ ئۆي، داۋالىنىشتىن ۋە زۆرۈر ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە: ىشسىز قالغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا، مەجرۇھ بولۇپ قالغاندا، تۇل قالغاندا، قېرىغاندا ياكى تىزگىنلىگىلى بولمادىغان باشقا ئەھۋال بىلەن تىرىكچىلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. 127 1282. ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە ئېتىباردىن ۋە ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بارلىق بالىلار نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغانلىقىغا قارىماي، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھاپىزەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك. 12926 ماددا 130 1311. ھەمە ئادەم بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىلىم ئېلىش ھەقسىز بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي باسقۇچتا شۇنداق بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدا بولۇشى كېرەك. تېخنىكا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ ئىشىكىنى نەتىجىگە قاراپ بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك. 132 1332. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئادمنىڭ خاسلىقىنى بولۇق يېتىلدۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمەتنى كۈچەيتىش. مائارىپ ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئىرقلار، ياكى ھەرقايسى دىنىي گۇرۇھلار ئارا چۇشىنىشنى، يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىكى تۇرلۇك پائالىيەتلىرنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك. 134 1353. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىم تۇرلىرىنى ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقىغا ىگە. 13627 ماددا 137 1381. ھەممە ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تورمۇشىغا ئەركىن قاتنىشىپ، سەنئەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پاراۋانلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلەق. 139 1402. ھەممە ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىلمىي، بەدىئىي ئەسەرلەردىن ۋە گۇزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەت مۇناسىۋىتى بىلەن، قوغىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 14128 ماددا 142 143ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تولۇق رېئاللىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا تەرتىپنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 14429 ماددا 145 1461. ھەممە ئادەم جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. چۇنكى، ئۇلارنىڭ خاسلىقى خەمئىيەت ئىچىدىلا ئەركىن ۋە تولۇق راۋاج تاپلايدۇ. 147 1482. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىلا ئۇچرايدۇ. بۇنداق چەكلىمىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر مەقسەت باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دېموكراتىك جەمئىيەتتە ئەخلاق. جامائەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىغا لايقلىشىش. 149 1503. ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى يۈرگۈزگەندە، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. 15130 ماددا 152 153بۇ خىتابنامىنىڭ ھەرقانداق بىر ماددىسىنى ھەرقانداق دۆلەت، گۇرۇھ ياكى شەخس مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھەرقانداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دەپ سۇكۇت قىلىدىغان مەنىدە چۇشەندۇرۇشكە بولمايدۇ. 154